关闭

举报

  • 提交
    首页 > 头条热点 > 正文
    购物车
    0

    تور ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ بوشاشماي تىرىشىش كېرەك

    信息发布者:adiljan
    2016-10-15 11:41:34   转载

    تور ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ بوشاشماي تىرىشىش كېرەك

      شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 36–قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

     تور ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالاقە تورى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ بوشاشماي تىرىشىش كېرەك

       شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 – ئۆكتەبىر تېلېگراممىسى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9 – ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن ئالاقە تورى كۈچلۈك دۆلىتى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا 36 – قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور ئۇچۇر تېخنىكىسىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىنى تېزلىتىپ، تور باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى تېز ئۆستۈرۈپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى بويىچە مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى تېز كۈچەيتىپ، تور ئۇچۇر تېخنىكىسى ئارقىلىق جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ تور بوشلۇقىغا دائىر خەلقئارا سۆز ھوقۇقى ۋە قائىدە تۈزۈش ھوقۇقىنى تېز كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش نىشانىغا قاراپ بوشاشماي تىرىشىش كېرەك.

       چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى مىكرو ئېلېكتىرونىكا ۋە نانو ئېلېكتىرونىكا فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى، مىكرو ئېلېكتىرونىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى پىروفېسسور ۋېي شاۋجۈن بۇ مەسىلە توغرىسىدا چۈشەنچە بەردى ھەم پىكىر – تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

       ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەم ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.

       شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر دۇنيادا تور ئۇچۇر تېخنىكىسى كۈنسېرى يېڭىلىنىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشقا ئومۇميۈزلۈك سىڭىپ كىرىپ، دۇنيا ئىقتىسادىي قۇرۇلمىسى، مەنپەئەت قۇرۇلمىسى، بىخەتەرلىك ئەندىزىسىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتمەكتە. دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەتلەر ئالاقە تورىنى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى، يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى كۆزلەشتىكى ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىش قىلدى. ئېلىمىز تور ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە تور بىخەتەرلىك كاپالىتى جەھەتتە خېلى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يەنە ناھايىتى زور پەرق بار. بىز ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تونۇشنى ئۆستۈرۈپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلانلاش ۋە بىر تۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تېز ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تور ئۇچۇر تېخنىكىسى يەر شارىدىكى تەتقىقات سېلىنمىسى ئەڭ مەركەزلەشكەن، يېڭىلىق يارىتىشى ئەڭ جانلىق، قوللىنىلىشى ئەڭ كەڭ، تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولى ئەڭ چوڭ بولغان تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ساھەسى بولۇپ، دۇنيا بويىچە تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ رىقابەت پەللىسى. بىز بۇ يۈزلىنىشكە ماسلىشىپ، يادرولۇق تېخنىكىنى كۈچەپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاچقۇچلۇق ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، تورنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشىمىز كېرەك. يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت ‹‹مۇھىم ھالقا››نى چىڭ تۇتۇپ، تور تەرەققىياتىدىكى ئىلغار تېخنىكا ۋە خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ئېلىمىز ئۆز ئالدىغا كونترول قىلىدىغان سەپلىمە پىلاننى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، بىخەتەر، كونترول قىلغىلى بولىدىغان ئۇچۇر تېخنىكىسى سىستېمىسىنى ئورنىتىشىمىز كېرەك. پەن – تېخنىكا تەتقىقاتى سېلىنما – ھاسىلات مېخانىزمى ۋە پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، تور ئۇچۇر ساھەسىدىكى يادرولۇق تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى ئىقتىدارلىق ھېسابلاش، كۆچمە ئالاقە، كىۋانت ئالاقىسى، يادرو ئۆزەك، مەشغۇلات سىستېمىسى قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىش ۋە قوللىنىشتا مۇھىم بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تېزلىشىشى تور ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسپىنى مۇھىم مەزمۇن قىلغان ئىقتىسادىي پائالىيەتكە قاراپ ئۆزگىرىۋاتىدۇ. بىز بۇ تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، ئۇچۇر ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورى ۋە ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنى زورايتىپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالاقە تورى يېڭى تېخنىكىسىنىڭ يېڭى ساھەلەردە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىشى بىلەن ئالاقە تورىنىڭ ئىجتىمائىي سەپەرۋەرلىك ئىقتىدارى كۈندىن – كۈنگە كۈچەيمەكتە. ئاكتىپ كۈچ تارقىتىپ، تارقىتىش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. تور جىنايىتى، بولۇپمۇ يېڭىچە تور جىنايىتىگە پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك. تورنىڭ تارقىتىش، ھەمتۈرتكە بولۇش، ھېس قىلدۇرۇش، بەھرىلەش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلرايىغا بېقىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، خەلقنى غەمدىن خالاس قىلىپ، ئىجتىمائىي ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش كېرەك. تور ۋە تور سىرتىدا كۈچنى بىر نىيەتتە مۇجەسسەملەپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، ئىجتىمائىي خەۋپ – خەتەرنىڭ ئورتاق ئالدىنى ئېلىش، مەركەزداش چەمبەرلەرنى ئورتاق بەرپا قىلىش ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكى ۋە تور سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ مۇكەممەللىكى، بىخەتەرلىكى، ئىشەنچلىكلىكىنى قوغداپ، تور بوشلۇقى بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئالاقە تورى، بولۇپمۇ كۆچمە ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ئەندىزىسى يەككە يۆنىلىشلىك باشقۇرۇشتىن قوش يۆنىلىشلىك ھەمتۈرتكىلىككە، تور سىرتىدىن تور ۋە تور سىرتى بىرلىشىشكە، نوقۇل ھۆكۈمەت نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشتىن جەمئىيەت ھەمكارلىشىپ ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە يۈزلىنىۋاتىدۇ. بىز ئالاقە تورىنىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشتىكى رولىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەتنى يولغا قويۇش، يېڭىچە ئاقىل شەھەرلەرنى قۇرۇش قاتارلىقلارنى تۇتقا قىلىپ، سانلىق مەلۇماتلارنى مەركەزلەشتۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت چوڭ سانلىق مەلۇمات مەركىزى قۇرۇپ، تېخنىكا، كەسىپ، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتلام، رايون، سىستېما، تارماق، كەسىپ ھالقىغان ھەمكارلىشىپ باشقۇرۇش ۋە مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئالاقە تورىنىڭ ئىخچاملاشتۇرۇش، دىيالوگلۇق، تېز ھەم قولاي بولۇش ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەدبىر بەلگىلىشى ئىلمىي بولۇش، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش دەل جايىدا بولۇش، جامائەت مۇلازىمىتى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئارقىلىق جەمئىيەت ئەھۋالىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇش، تەدبىر بەلگىلەش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشكە ھەمدەم بولۇشىمىز كېرەك.

       شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېلىمىزنىڭ تور بوشلۇقى ئىگىلىك ھوقۇقىنى ھەقلىق يوسۇندا قوغداش ئۈچۈن، تەشەببۇسىمىزنى ئوچۇق ئۇقتۇرۇشىمىز كېرەك. ھازىر ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار ئالاقە تورىنى چۈشەنمىسە، ئالاقە تورىنى ئىشلىتىشكە ماھىر بولمىسا، خىزمەتلەرنى ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرالمايدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار تور ئۆگىنىپ، تورنى چۈشىنىپ، تورنى ئىشلىتىپ، ئالاقە تورىنىڭ تەرەققىياتىنى پائال پىلانلىشى، ئىلگىرى سۈرۈشى ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. بىخەتەرلىك بىلەن تەرەققىياتنىڭ، ئېچىۋېتىش بىلەن مۇستەقىللىقنىڭ، باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئالاقە تورى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى، تور جامائەت پىكرىنى يېتەكلەش ئىقتىدارى، ئۇچۇرلىشىش تەرەققىياتىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارى، تور بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئالاقە تورى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. 



    打赏捐赠
    0
    !我要举报这篇文章
    声明 本文由村网通注册会员上传并发布,村网通仅提供信息发布平台。文章仅代表作者个人观点,不代表村网通立场。本文如涉及侵权请及时联系我们,我们将在24小时内予以删除!